-
تور سودىسىنى باشلاش ھەققىدە ئومۇمىي بايان - [تور سودا]
2008-05-12
ئاۋال بىر نەچچە سۇئال سوراپ، ئۆزۈم جاۋاب بېرىۋىتەي. تور سودىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟ ئىشەنچىلىك. باشقا سودا بىلەن تامامەن ئوخشاش؛ تەكلىماكان ، سىز تور سودىسى قىلىپ باققانمۇ؟ شۇنداق، مەن قىلىپ باققان. ئومۇمى سودا سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدۇ.
تور سودىسىدا كۆپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
شۇنداق، ئاۋاتراق دۇكاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولغاندەك تور سودىسىدىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
ھازىرلا Alexa نى ئېچىڭ ۋە ebay.com, alibaba.com, taobao.com قاتارلىق بېكەتلەرنىڭ ئارخىپىنى ئاختۇرۇڭ. ئۇلارنىڭ ئالېكسادا ئىگىلىگەن دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى. دۇنيادىكى چوڭ - چوڭ تاللا بازارلىرىنى قاتلاپ 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ ئىچىگە كىرگەن.
توردا سودا قىلىش ئۈچۈن قانداق قوراللار بولىشى كېرەك؟
1. مۇمكىن بولسا بىر دانە يانكومپيوتېر (لەپتوپ، خاتېرە كومپيوتېر بولسىمۇ بولىدۇ ھې ھې ھې ). مۇمكىن بولمىغاندا ئۆيدىكى ياكى تورخانىدىكى كومپيوتېردا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چىقىم جېق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن دەسلەپتە.
2. ئەڭ كەم دىگەندە بىر بانكىنىڭ ھىساباتىنى ئېچىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك بانكا ياكى سودا سانائەت بانكىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
3. ئەڭ كەم دىگەندە بىر بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇش ۋە بىخەتەرلىك رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىش كېرەك.
يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش ئۇسۇلى:
يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا كىملىكنى ئىككى نۇسخا كۆپەيتىپ كىرىپ، بىر دانە كارتا بېجىرىسىز، كارتا بېجىرگەندە سىزدىن كارتىدا ئەڭ كەم دىگەندە 50 يۈەن پۇل ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پۇلنىمۇ ئېلىۋېلىڭ. كارتا بېجىرىشى ئىلتىماسى قىلىشتىن بۇرۇن، «تور بانكا» كەسپىنىمۇ قوشۇپ ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىسىز. خەنزۇچە 网上银行 دەيدۇ.
ئۇلار سىزگە كارتا بېجىرىدىغان جەدۋەلنى تولدۇرغۇزۇشتىن باشقا يەنە تور بانكا ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بانكا خادىمى ھەممە ئىشلارنى بېجىرىدۇ، سىزدىن مەخپى نومۇر تەلەپ قىلىدۇ.
ئىككى دانە مەخپى نومۇر:
بىرى بانكا كارتىسىنىڭ ئادەتتىكى مەخپى نومۇرى
يەنە بىرى تور بانكا مەخپى نومۇرى توردا چىقىم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.
بۇ ئىككى مەخپى نومۇر ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى، تۇغۇلغان كۈن بولۇپ قالماسلىقى، تەكرار سان، ياكى ساناق سان بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇرەككەپرەك ئالتە خانىلىق سان. ئەمما يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرمەك بەك تەس، شۇڭلاشقا ئەڭ بىخەتەر جاي «كاللا» دا ساقلاش كېرەك.
مەخپى نومۇر خاتالىقى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەك كۆپ بانكىنىڭ كارتىسىنى بېجىرمەڭ.
مەخپى نومۇرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، سىزگە بىر دانە U-قالقان بېرىدۇ. مەزكۇر قالقان سىزنىڭ توردا ئېلىم-بېرىم قىلغاندا بانكا ھىساباتىڭىزغا كىرىشتىن بۇرۇن، كومپيوتېرغا چېتىپ تۇرۇپ، ھىسابات مەخپيەتلىكىنى قوغدايدىغان، U-دىسكىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە. بۇنىڭ ئۈچۈن كەم دىگەندە 50 يۈەن تۆلەيسىز.
ھەممە ئىشلار پۈتكەندە ئۆيگە بېرىپ، كومپيوتېردا u-قالقان ۋە بانكا ھىساباتىنى ئىشلىتىپ نورماللىقىنى سىناپ بېقىڭ.
4. كەم دىگەندە ئىككى دانە ئېلخەت ئادرېسى بولىشى كېرەك.
ئېلخەتنى بارلىق يېزىقلارنى قوللايدىغان Gmail, Hotmail, Yahoo قاتارلىقلاردىن ئېلىڭ. ئىككى دانە ئېلخەتنىڭ بىرى خېرىدار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىر تور بانكىسىدا ئېلىم-بېرىم قىلىش، پۇل ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ ئېلخەت ئالماڭ. ئېلخەت مەخپى نومۇرى، كارتا مەخپى نومۇرى، تور بانكا مەخپى نومۇر قاتارلىقلار ئامال بار ئوخشىمىغان سانلار بولسۇن.
5. Paypal ۋە Alipay دە ھىساباتىڭىز بولىشى كېرەك. توردا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك پۇل تاپشۇرۋېلىش ۋە پۇل تاپشۇرۇش ئۈچۈن Paypal ۋە Alipay دىن پايدىلىنىمىز. ئەگەر خەنزۇچە بىلمىسىڭىز مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان تور سودىسىنى قىلالمايسىز. شۇڭلاشقا Paypal ۋە Alipay لەرگە قانداق تىزىملىتىشىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. خەنزۇچە بىلمىسىڭىز ئەپەندى تورىدا سودا قىلىڭ. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە . alipay ۋە Paypal مۇ كەتمەيدۇ.
Paypal ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :
Paypal ئېلخەت ئارقىلىق پۇل ساقلاش قورالىدۇر. سىز ئۇنىڭ ئىچىدە بانكا ھىساباتىڭىزدىكى پۇلنى تورغا يۆتكەپ ساقلايسىز، ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇلنى بانكا ھىساباتىغا يۆتكەيسىز. باشقىلاردىن پۇل قوبۇل قىلغاندا توردا بىۋاستە كارتىدىن، كارتىغا پۇل ماڭمايدۇ. ئاۋال Paypal غا پۇلنى يۆتكەپ، ئاندىن باشقىلارغا يوللايمىز ۋە باشقىلار ئەۋەتكەن پۇلنى قوبۇل قىلىمىز.
مۇنداقچە ئېيتقاندا پايپالنى توردىكى بانكا دىيىشكە بولىدۇ. مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان يېرى شۇكى ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ئۆچرەت تۇرمايسىز، تورغا ئۇلانغان كومپيوتېر بولسىلا خالىغان كىشىگە پۇل ئۇرالايسىز. پۇل ئالماقچى بولسىڭىزمۇ بىر كونۇپكا بىلەنلا ئۇرالايسىز.
پايپال ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق خەلقئارادىكى بارلىق پۇللاردا ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان پايپال(خەلقئارا) .
يەنە بىرى پەقەت جۇڭگودا ئېلىم-بېرىم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان Paypal جۇڭگو.
سىزدە چوقۇم ھەر ئىككى ھىسابات بولىشى كېرەك. چۈنكى سىز ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تور سودىسى قىلىشقا ئاتلاندىڭىز.
ئەسكەرتىش:
پايپال خەلقئارا بىلەن پايپال جۇڭگو بىر بىرىگە ئۇلانمايدۇ. پايپال جۇڭگودىكى پۇلنى پايپال خەلقئاراغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. پايپال خەلقئارانى چەتئەللىكلەرگە نەرسە كېرەك سېتىش-سېتىۋېلىشتا ئىشلىتسىز، پايپال جۇڭگونى جۇڭگو ئىچىدە سودا قىلىشقا ئىشلىتىسىز.
پايپال خەلقئارا : www.paypal.com
پايپال جۇڭگو: www.paypal.com/cn
خۇش، ئەمسە Alipay گە كېلەيلى، Alipay ئەلىبابا شىركىتى چىقارغان بانكا، ئۇنىڭ پۈتۈن مەشغۇلاتى Paypal جۇڭگو بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. ھىچقانداق پەرق يوق.
يۇقارقى تور بانكىلىرىغا تىزىملىتىش
ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىسىز.
ھەقىقىي ئىسىمنى تەستىقلىتىسىز، كىملىكنى ئەۋەتىپ بېرىسىز.
تەستىقلىغاندىن كېيىن بانكا كارتىسىنى ئۇلايسىز.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام.
6. دۇكاننى قەيەردە ئاچىمىز.
پۇل تاپىدىغان ئادەم نەدە پۇرسەت بولسا شۇ يەردە دۇكان ئاچىدۇ. شۇڭلاشقا بىزمۇ توردا نەدە پۇرسەت بولسا شۇ يەردە دۇكان ئاچىمىز.
ئاۋال ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇكەممەل دۇكاننى بلوگدا ئاچىسىز، چۈنكى ئۇ بارلىق دۇكاننىڭ ئىسكىلاتى بولىدۇ. ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتدىن بىرنى تاللايسىز. بلوگباستا ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ، uyghur.cn./blog دا ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئامال بار سۈرئىتى تېزراق، بارلىق يېزىقلارنى قوللايدىغان سورۇندا ئېچىڭ.
بلوگدا دۇكان ئېچىۋالغاندىن كېيىن، ماللارنى تۈرى بويىچە رەتلەپ چىقىرىسىز، چىقارغان ماللارنىڭ تەپسىلاتى ھەقىقىي ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا بولسۇن. ئەگەر چەتئەللىكلەرنى نىشانلاپ ئېچىلغان دۇكان بولسا ئېنگلىزچە، جۇڭگو ئىچىنى نىشانلاپ ئېچىلغان دۇكان بولسا خەنزۇچە، رايونىمىزنى نىشانلاپ ئېچىلغان دۇكان بولسا ئۇيغۇرچە ئېچىڭ.
دۇكانغا چىقارغان ماللار كەم دىگەندە 50 تىن ئاشقاي. ماللارنى كونا بولسا كونا، يېڭى بولسا يېڭى دەپ ئېنىق يېزىش، ئالدامچىلىق قىلماسلىق كېرەك. بۇ بىرى ئەخلاق-قانۇن مەسلىسى بولسا يەنە بىرى دۇكاننىڭ ئىناۋەت مەسلىسى. چۈنكى سىز بىر قېتىملىق ئەمەس، ئۆمۈرلۈك تور سودىسى قىلماقچى.
ھەر بىر مەھسۇلاتنى چىقارغاندا يازىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:
مەھسۇلات نامى
مەھسۇلاتنىڭ شۇ تۈردىكى تىپى
مەھسۇلاتنىڭ كونا-يېڭىلىقى
مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى (ئېغىرلىق، چوڭلۇق ياكى باشقىلار..)
مالنىڭ ئىقتىدارى : زاۋۇت تەمىنلىگەن ماتېرىيالدىكى گەپلەر
مالنىڭ قوشۇمچە ياردەم ئۇچۇرى: زاۋۇت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار
مالغا قوشۇپ بېرىدىغان سوۋغا ياكى زاپچاسلار
پۇل تۆلەش ۋە مال ئەۋەتىش ئۇسۇلى
سېتىۋالغۇچىلارغا قويۇلىدىغان چەك
ئالماشتۇرۇش ياكى مال قايتۇرۇش كاپالەتنامىسى
مەزكۇر مەھسۇلاتنى ساتقان بىر قانچە تالوننىڭ رەسىمى
مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ ئامال بار ئۆزىڭىز تارتقان بىر نەچچە پارچە رەسىمى
..... مۇشۇ ئۇچۇرلارنى چىقارغاندىن كېيىن بىر مەھسۇلات تولۇق چىقىپ بولغان بولىدۇ. بلوگدا باھاسىنى يازماڭ، چۈنكى باھا ئۆزگىرىپ تۇرىشى مۇمكىن. مۇشۇ بويىچە 50 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، سودا تورىدا دۇكان ئېچىشنى باشلايمىز.
جۇڭگو ئىچىدە :
www.eachnet.com
www.taobao.com
www.paipai.com
قاتارلىقلاردا دۇكان ئاچىسىز. ھە راست دىققەت ،ئاۋۇ پەيپەي دىگىنى ئەلىپەي ياكى پايپالنى قوللىمايدۇ، ئۇنىڭ ئايرىم سەيفۇتوڭ دەيدىغان قورالى بار، ئەلىپەيگە ئوخشاش، شۇنىڭغا تىزىملىتىشىڭىز كېرەك.
چەتئەلدە :
www.ebay.com
دا دۇكان ئاچىسىز، دۇكان ئېچىش جەريانى سىز دۇكان ئاچماقچى بولغان تور بېكەتتە بارلىق ياردەملىرى بىلەن تولۇق بار، سىز دۇكان ئاچماقچى بولغان تور بېكەتنىڭ تىلىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز بىر تەرجىماننى ۋاقتىنچە ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى سىز پۇل تاپماقچى.
ئاۋال ئاۋۇ تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تىزىملىتىپ، eachnet.com دىكى ھىسابىڭىزنى پايپال جۇڭگو بىلەن ئۇلايسىز. ھىسابات ئىچىدە ئۇلايدىغان جاي بار.
taobao دىكى ھىساباتىڭىزنى ئەلىپەي بىلەن ئۇلايسىز. بۇنىڭمۇ ئۇلايدىغان يېرى تاۋباۋ ھىساباتىنىڭ ئىچىدە بار.
پەيپەيدىكى ھىساباتنى سەيفوتۇڭ بىلەن ئۇلايسىز.
ebay.com دىكى ھىساباتنى پايپال خەلقئارا بىلەن ئۇلايسىز.
ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن ۋە بارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، ھىساباتنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، دۇكانغا مال چىقىرشنى باشلايسىز.
ئەسكەرتىش: سىز تىزىملىتىپ كىرىپ مال چىقارغان ھامانلا دۇكان ئاچقان بولمايسىز، ئاۋل بىر قانچە پارچە مال چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن دۇكان ئېچىش دىگەن كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق دۇكان ئاچىسىز.
eachnet.com دا دۇكان ئاچسا مال باھاسىغا قاراپ ھەق ئالىدۇ.
تاۋاباۋ، پەيپەيلەردە دۇكان ئاچسا ھەق ئالمايدۇ، ئەمما سودىسى ئىبەيدەك ياخشى ئەمەس.
ebay.com دا دۇكان ئاچسىمۇ ھەق ئالىدۇ، چوقۇم ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيسىز. ئەلۋەتتە سىز بىرەر مال سېتىشتىن بۇرۇن ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، دۇكان ئېچىپ بولۇپ، مالنى سېتىپ ئاندىن ھەق تاپشۇرىسىز، ھەققى بەك يۇقىرى ئەمەس.
دۇكانغا چىقارماقچى بولغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەن باياتىن دەپ ئۆتكەن بلوگدا ئاچقان دۇكاندىن كۆچۈرىسىز.
سودا تورىدا ئاچقان دۇكانغا چىقارغان ھەر بىر مالنىڭ چۈشەندۈرىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە «مەھسۇلاتنىڭ بلوگىمىدىكى تەپسىلى ماتېرىيالى» دەپ يېزىپ، بلوگىڭىزدىكى مەزكۇر مالنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بېتىگە ئۇلىنىش قىلىسىز. ھەممىنى مۇشۇنداق ئايرىم ئايرىم قىلىسىز.
مۇشۇ بويىىچە ھەممە دۇكانغا 50 تىن ئارتۇق مال يوللايسىز، بۇنداق بولغاندا سىز 4 دانە سودا تورىدا جەمئى 200 دانە مەھسۇلات يوللىغان بولىسىز. يېڭى يوللانغان مەھسۇلاتلارغا خېرىدار تېز ئۇچرايدۇ. ئەمدى خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىشىنى ساقلايمىز.
7. سېتىش - سېتىۋېلىش جەريانى قانداق بولىدۇ؟
تەكلىماكان بلوگدا ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىش ھاجەتسىز، ھەر بىر سودا تورىدا سېتىش - سېتىۋېلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلار بار، شۇلارنى تەپسىلى ئوقۇڭ.
ئاساسەن مۇنداق:
سىز يوللىغان مالنى خېرىدار تاپىدۇ، سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، سىزگە خەت يېزىپ مەسلىھەت سورايدۇ، سودىدا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۇ «سېتىۋالىمەن» دىگەن كونۇپكا ئارقىلىق سېتىۋالدۇ. سېتىۋالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەيدۇ. پۇل تۆلىگەندە ئەلىپەي ياكى پايپال ئارقىلىق تۆلەيدۇ، ئەگەر تاۋباۋدا بولسا ئەلىپەي.
تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنىڭ مۇنداق ئەۋزەللىكى بار.
خېرىدار سىزگە پۇل تاپشۇرغاندا پۇل ئۇدۇل سىزگە بارماستىن ئاۋال تاۋباۋ شىركىتىنىڭ ۋاقتىلىق ھىسابات ساقلاش ئامبىرىغا كىرىدۇ. ۋە تاۋباۋ شىركىتى ئېلخەت ئارقىلىق سىزگە «خېرىدار پالانى مەھسۇلاتىڭغا پۇل تاپشۇردى، مالنى كۆرسىتىلگەن ئادرېسقا دەرھال سال» دەپ خەت يازىدۇ، سىز شۇ خەتتىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئادرېسىنى كۆرۈسىز ۋە مالنى تەييار قىلىپ سالىسىز. سېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ھىساباتقا كىرىپ، مالنى سالدىم دىگەن كونۇپكىنى 发货确认 دىگەن كونۇپكىنى باسىسىز، مالنى سېلىپ 14 كۈن ئىچىدە خېرىدار مالنى تاپشۇرۇپ ئالسا «مالنى تاپشۇرۋالدىم» دىگەن كونۇپكىنى باسىدۇ،
تاۋباۋ شىركىتى بۇ چاغدا ھىساباتتا ۋاقتلىق ساقلاۋاتقان مال پۇلىنى سىزگە ئەۋەتىۋېتىدۇ.
ئەگەر خېرىدار مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 14 كۈنگىچە «مال تاپشۇرۋالدىم» كونۇپكىسىنى باسمىسا، بۇ كونۇپكا ئاپتوماتىك بېسىلىپ كېتىدۇ.
خېرىدارنىڭ مال تاپشۇرۋېلىش ۋە تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز ؟
سىز ئادەتتە خېرىدار تۇرىۋاتقان شەھەرگە مالنىڭ پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈش ۋاقتنى ئىگىلىگەن بولىشىڭىز كېرەك. مەسلەن 5 كۈن، سىز بۇ چاغدا مال يەتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى بەش كۈن قىلىپ بەلگىلەيسىز، بۇ چاغدا مال سېلىنىپ دەل 5 كۈندىن كېيىن سېستىما تەتۇر ھىسابلاشقا باشلايدۇ. دىمەك ئەگەر خېرىدار ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىسە سېلىنغان مال 19 كۈندىن كېيىن ئاپتوماتىك سودىنى پۈتتۈرۈپ پۇلنى سىزگە بېرىدۇ.
ئەگەر مالدا مەسلە بولۇپ خېرىدار قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا «مال قايتۇرىمەن» دىگەن كونۇپكىنى باسىدۇ. ۋە مالنى سىزگە سالىدۇ، سىزمۇ ئوخشاش 14 كۈن ئىچىدە مالنى قولغا ئالغاندىن كېيىن «مال يېنىپ كەلدى» كونۇپكىسىنى باسىسىز، ئەگەر قايتا مال سېلىپ بېرىشكە توغرا كەلسە پۇل ھىساباتتا تۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر كونۇپكا باسىمىز.
ئەگەر قايتا مال سالماي سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە پۇل ئۆزلىكىدىن پۇل سالغۇچىنىڭ ھىسابىغا كېتىدۇ.
ئىشلار شۇنداق ئاددى.
بۇ جەرياندا سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەت يەنى تاۋباۋ باشتىن ئاخىر خېرىدار بىلەن سودىگەرنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچىلىك سودا قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا ۋاكالەتچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. خېرىدارمۇ مالنى ئېلىپ قاچالمايدۇ، سودىگەرمۇ پۇلنى ئېىلىپ مال بەرمەي قۇتۇلالمايدۇ.
بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەڭ، بارلىق كاشلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقىدە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ نەچچە يىللىق تەجىربىلىرى بار، ئاساسەن قەتئى چوڭ چاتاق چىقمايدۇ، چىقسىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەخسۇس سودا توساقلىرىنى ئوڭشايدىغان قىززىق لىنىييەسى بار. شۇڭلاشقا ئارتۇقچە ئىشلاردىن ئەنسىرىمەي سودىنى خاتىرجەم قىلىڭ.
8. مال سېتىلمىسا قانداق قىلىمىز؟
مال دۇكانغا چىقىرىلىپ مەلۇم ۋاقتتىن كېيىنمۇ سېتىلمىسا ئۆزلىكىدىن دۇكاندىن چۈشۈپ ئامبارغا كىرىدۇ. بۇ ۋاقتنى سىز بەلگىلەيسىز، ئامال بار قىسقىراق بەلگىلەڭ، ۋاقتى قىسقا ماللار باش بەتكە چىقىدۇ. مەسلەن 5 كۈن ،
دىمەك سېتىلمىغان ماللارنى ھەر بەش كۈندە ئامباردىن تارتىپ چىقىرىپ، دۇكانغا يۆتكەيمىز، بۇنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ئورۇنداش مۇمكىن. بەك ئاسان شۇڭلاشقا مالنىڭ ماتېرىيالىنى دەسلەپتە تەپسىلى تولدۇرۇش كېرەك.
مۇشۇنداق دەۋرىلىك ھالدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
مەن تەكلىماكان بلوگدا دۇكان ئېچىپ مەندىن تۇنجى مال سېتىۋالغان خېرىدار ebay.com.cn دا سېتىۋالغان. ھازىر ئىبەي شىركىت ىبۇ تور بەتنى مۇنبەر قىلىپ، ئورنىغا eachnet.com نى قۇردى.
مېنىڭ تۇنجى ساتقان مېلىم «12 مۇقام VCD, CD»
مېنىڭ مال كىرگۈزگەن باھايىم : 150 يۈەن
سېتىپ چىقارغان باھايىم: 830 يۈەن
مالنى سېتىۋالغۇچى: جۇڭگودىكى نامى بار مۇزىكانتلارنىڭ بىرى، ئۆزى ۋۇخەندە.
تۇنجى قېتىملىق سودىدا ئالغان پايدام : 500 يۈەندىن ئارتۇق.
مال دۇكانغا چىقىرىلىپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقت : 15 كۈن
شۇ چاغدا دۇكانغا پەقەت مۇشۇ بىر تاللا مال چىقارغان.
پۈتۈن سودىدا پۈتۈشۈش جەريانى : 10 مىنۇت
پوچتا ھەققى ئۈچۈن تۆلىگەن پۇل : 70 يۈەن
..... بۇ مەن تور سودىسى قىلىپ تۇنجى قىلغان سودا ۋە ئەڭ خۇشال بولغان سودا .
تور سودىسى قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى «تور سودا» تۈرىدىكى ئەڭ يېڭى ماقالىگە يېزىڭ.历史上的今天:
Blogger دا يازمالارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى 2008-05-12Yahoo (جۇڭگو) ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش 2008-05-12
تور سودىسىنى باشلاش ھەققىدە ئومۇمىي بايان
Blog:ئىقتىساد بلوگى2008-05-13 15:30:49
引用
下面Blog引用了该文:


评论
ماڭا تەلىم بەرسىڭىز!
چ چ:563615857
بىلوگىم:alhan.blogbus.com
ياردەم قىلسىڭىز.
مەن سىز بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن .....
مەن سىز بىلەن پەقەتلا ئالاقىلىشالمىدىم .....مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئۇچۇر نى كورگەندىن كېيىن دەرھال مەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز .....چۇقۇم شۇنداق قىلىشىڭىز نى سەمىمى سورايمەن ..
ئالاقىلاشقۇچى :ئالىمجان ..تېلىفۇن :13899201037چ چ؛236797223
مەن تۈزىتىۋالاي.
تۆۋەندىكى كودنى بلوگباس css ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قوشۇپ قويسڭىز خەت ئالماشمايدۇ.
html { direction:rtl }