باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • Adbrite ئارقىلىق پۇل تېپىش - [پۇل تېپىش پۇرسىتى]

    2008-05-14

    تەكلىماكان بلوگدا ئەزەلدىن داڭلىق مەتبۇئاتلاردا نامى ئاتالغان داڭلىق پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى تونۇشتۇرىۋاتىمىز. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Adbrite ھەم يەر شارىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى. بارلىق جەريانى Google Adsense نىڭ CPM ۋە ئادەتتىكى چېكىلگەنگە قارتا ھەق ھىسابلايدىغان ئېلانلىرىغا ئوخشاش. ئەمما مەشغۇلات يۈزى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە، Paypal ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. بېرىدىغان پۇلى Google نىڭكىدىن كۆپ. (ئېلان ئېنگلىزچە بولغاچقىلا شۇنداق). ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تىزىملىتىشىنى قوللايدۇ. Blog*Spot ياكى Blogbus تىن ئالغان بلوگ ئارقىلىق تىزىملىتىشقا بولىدۇ. تىزىملىتىپ، تەخمىنەن 48 سائەت ئىچىدە تەستىقلايدۇ.
    قىسقىچە:
    ئورنى: ئامېرىكىدا
    ئۇيغۇرچە تور بېكەت: قوللايدۇ
    خەلقئارالىق ئىشلەتكۈچى: قوللايدۇ
    پۇل ئەۋەتىش شەكلى: Paypal ۋە چەك
    پۇل ئەۋەتىش ۋاقتى: ھەر ئايدا بىر قېتىم
    ئەڭ تۆۋەن ئەۋەتىدىغان سومما: 20 دوللار
    ئېلان شەكلى : CPM ۋە چېكىلگەنگە ھەق ھىسابلايدىغان ئېلان
    بلوگ : بولىدۇ
    ئادرېسى: www.adbrite.com
    دوستانە ئەسكەرتىش:
    مەزكۇر تور بېكەتكە ئېلان كودىنى قىستۇرغاندا دەسلەپ ئېلان كۆرۈنمەيدۇ، يەنى Adbrite نىڭ ئۇلىنىشى كۆرۈنىدۇ، زىيارەت سانى يۇقىرى بلوگلاردا دەرھال ئېلان كۆرۈنىدۇ، زىيارەت سانى تۆۋەن بولسا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ. ئېلان كۆرۈنمەي قالسا دەرھال بلوگقا ئادەم توپلاپ، زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇڭ. ئېلان نورمال كۆرۈنىۋالغاندىن كېيىن كارىڭىز بولمىسا بولىدۇ.
    مەزكۇر تور بېكەت ئېلان ئايلىنىش شەكلى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقى Adbrite قا تەۋە. تەكلىماكان بلوگ بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.




    评论

  • مەن تىزىملاتقان ئىدىم بىراق كودنى نەدىن تاپىمەن
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەنمۇ تىزىملاتتىم ،لېكىن كىيىن قانداق قىلىشنى زادى بىلەمىدىم ، ئەمدى نىمە ئىش قىلىمەن ، ئېلاننى قانداق قۇيىدۇ ؟ تىزىملىتىپ بۇلۇپلا نىمە قىلىشنى بىلەلمىدىم . ئاۋارە قىلدىم رەخمەت.
  • گوۇلدىن ئېلان ئالالمىغاندىكىن مۇشۇنىڭدىن ئېلىپ باقمامدۇق،
    تەكلىماكان ئەپەندى بولسا مۇشۇنى بىر تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولار ئىكەن .
    رەھمەت .
  • ھەممىسى ئېنگىلىسچىكەن، قانداق تېزىملىتىشنى چۈشىنەلمىدىم . بولسا تەپسىلىي چۈشەندۈرىشىنى يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
  • تىزىملىتىشتا مەسىلىگە يولۇقتۇم ، make checks payable to بىلەن Tax ID نى قانداق تولدۇرىمىز؟
  • ھە راس مەن تىزىملىتىشنى سىناپ باقتىم ھەممىسىcpm
    ئىلانى ئىكەن
    بىزدەك نامى چىكمىغان بلوگلارغا نىپەتەنcpm
    ئىلانى ئەمەس cpc چىكىلگەندە ھەق ھىساپلايدىغان ئىلان مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن ،شۇڭا شۇ تۈرگە تىزىملىتىشنى نوقتىلىق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولغۇدەك
  • بىرىدىغان پۇلى نىڭكىدىن كوپ بولغاندىكىن مۇشۇنى ئىشلىتەيلى بولمىسا ،لىكىن ھەممىسى ئىنگىلىسچە بولغاچقا تىزىملىتىشتا قىينىلىپ قالىدىكەنمىز ؟ تىزىملىتىش ئشلىرىنى تەپسىلى ئۇگۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن ؟ ئەگەر مالال كۇرمىسىڭىز ؟
    httP://uzdiyar.blogbus.com
    Baliq回复ئۇزدىيار بلوگ说:
    تىزىملىتىش ئاددى ئىدى. بولىدۇ، كېلەر ھەپتە مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى بىر ماقالە يازاي. ئىلگىرى مەن بۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللانغان. ئۇ چاغدا پايپالنى قوللىمىغاچقا گۇگولدىن پەرقى يوقكەن دەپ گۇگولنىلا ئىشلەتكەن ئىدىم. قارىسام ھازىر كۆپلىگەن تور بېكەتلەر ئەدبرايت ئېلانلىرىنى قويۇپتۇ. كىرىمنى خېلىلا ئوبدان دەيدۇ.
    2008-05-16 00:22:26
  • بۇجەھەتتە مېنىڭ تەجرىبەم بولمىغاچ توختاپ قالغان ......
    مەن سىز بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن .....
    مەن سىز بىلەن پەقەتلا ئالاقىلىشالمىدىم .....مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئۇچۇر نى كورگەندىن كېيىن دەرھال مەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز .....چۇقۇم شۇنداق قىلىشىڭىز نى سەمىمى سورايمەن ..
    ئالاقىلاشقۇچى :ئالىمجان ..تېلىفۇن :13899201037چ چ؛236797223
  • كۆپ رەھمەت ! cpm ئېلانىنى بىر تۇنۇشتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز مۇشۇ بىكەتنىڭ . يەنە بىر ئىش بىلوگدىن باشقا مۇنبەرلەردىمۇ قويساق بولىدىغاندۇ ؟
    Baliq回复نىجات说:
    CPM ئېلانى ھەققىدە تەكلىماكان بلوگدا يېزىلغان يازمىلار
    http://baliq.blogbus.com/logs/20913009.html
    http://baliq.blogspot.com/2008/05/cpm.html
    2008-05-15 00:26:55
  • بىز گوگۇلنىڭ ئېلانلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويساق بولامدىغاندۇ بۇ شىركەتنىڭ ئېلانىنى؟
    Baliq回复جۇشقۇن说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق تور بەتتە ئېلان بەك كۆپ بولۇپ كەتمىگىنى ياخشى. مېنىڭچە بۇ ئېلاننى ئايرىم بەتلەرگە قويۇڭ. مەن تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندە باشقا ئېلان قويسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىمە يوق ئىدى، ھازىرچە مەن ئۇلارنىڭ «كېلشىمنامە» سىنى ئوقۇپ باقمىدىم، شۇڭلاشقا كېسىپ ئېيتالمايمەن.
    مېنىڭچە بۇ ئېلان بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار Google ئېلانى قويغان بەتلەرگە قويماي، ئايرىم بەتلەرگە قويسا قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، بىرى Google دىن ھەم Adbrite تىن كىرىم بولىدۇ.
    ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. قايسى شىركەت ئېلانىدۇ دەپ بولسىمۇ چېكىپ باقىدىغانلار چىقىدۇ-دە! Google ئېلانى ھەممە بېكەتتە بار. يېڭىلىق ئەمەس.
    2008-05-14 23:39:03
  • ئۇنداقتا Google Adsense ئېلانى قىستۇرۇلغان بەتكىمۇ قوشۇپ قىستۇرۇشقا بولامدۇ؟
    Baliq回复بوغلان说:
    شۇنداق Google ئېلانى بىلەن بىر بەتكە قويسا بولىدۇ. ئەمما قويۇشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ Terms of Service نى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ. بەلكىم ئاز-تولا چەكلىمىلەر بولىشى مۇمكىن.
    2008-05-14 23:34:47