باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • تەڭرىتاغدا بىر ھەپتە (1) يولدا - [تۇرمۇش ۋە مەن]

    2008-06-06

    رەسىملەر نوكىيا 6680 ماركىلىق يانفوندا تارتىلغان
    ماۋۇ دەرەخنى Windows نىڭ بىر ئۇسلۇبىدا كۆرگەندەك قىلغان، بۇ يەردىمۇ باركەن.

    تاغ يولىدا پۇتۇم قاپىرىپ كەتتى، بىردەم سۇغا چىلاپ ئولتۇراي، ئەمما تاغ سۈيى بەك سوغۇقكەن.

     بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىلىرى خىرىسقا تاقابىل تۇرالارمۇ؟ كۆرۈڭلار ئامېرىكالىقلارمۇ ئۇيغۇرچە ماركا بىلەن مەھسۇلات ياساۋاتىدۇ.


    بۇ دەريانىڭ سۈيى ئەركەك سۇ ! بۇ يەردە تاغ-دەريالار گىرەلەشكەن. بەكمۇ چىرايلىق.
    دەريانىڭ كەچلىك مەنزىرسى، ۋاقتىڭىز چىقسا سىزمۇ بېرىپ كېلىڭ. يۇرتىمىزدىكى بۇنداق يەرلەرگە بارمىسىڭىز ئارماندا كېتىسىز.

    مۇزدەك سۇدا سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن  كىيىم سالاي، بۈ يەردە ھىچكىم يوق، ئەمما ئەۋرەت ياپماق پەرھىز.

    بۇ جاينىڭ ئىسمى ئالمالىق. ئاۋۇ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان بالا مەن شۇ !

    تەڭرىتاغقا بارىدىغان يوللار ئاجايىپ ھەيۋەت، ۋە سىرلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبئى مەنزىرە
    بۇ ئۆچكىلەر قىرغىسىزتاننىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىدىنمۇ باتۇر.
    تۆگىلەر يولىمىزنى توسۇۋالدى، مەن تەڭرىتاغدا بىر ھەپتەنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تۆگىلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمەن.

    تاغقا يېقىنلاشقانسىرى تاش-قۇم تاغلار يېشىللىققا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

    تەڭرىتاغدا بىر ھەپتە ئاتلىق يازما داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ھەيۋەت تەڭرىتاغ مەنزىرسى ئۈچۈن كېيىنكى يازمىغا دىققەت قىلغايسىز. نۇرغۇن ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمىز.
    مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ماقالە






    评论

  • ئەگەر پۇرسەت بولسا بارغىدەك يەركەنيا ،قانداق بارىدىكەن،؟
    ...........~~~~~ئۆزلە كۈرۈنمەي قاپتىلاغۇ،
    پۇرسەت بولسا ماي بۇياق قىلىپ سىزسا بولىغىدەك،
  • ئەگەر پۇرسەت بولسا بارغىدەك يەركەنيا ،قانداق بارىدىكەن،؟
    ...........~~~~~ئۆزلە كۈرۈنمەي قاپتىلاغۇ،
    پۇرسەت بولسا ماي بۇياق قىلىپ سىزسا بولىغىدەك،
  • بەك ياخشىكەن` سەپىرىڭىز خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتكەندۇ ھە`!
  • ئەۋرەت يېپىش پەرھىز ئەمەس، پەرز!
  • مەن دېل، ئېلانىڭىزنى چېكىپ قويدۇم
  • ئاۋۇ قايسى كۆل !؟ ئەجەپ تونۇش چىرايغۇ ... ھى ھى ھى ...
  • ككقىقە
  • بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ بارغۇم كېلىپ كەتتى، بىر ئىشىڭىز بولماپتۇ ، CoCaCoLa مىڭ ياخشى بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالسىڭىز بوپتىكەن .
    teklimakan回复ئارامگاھ说:
    ئەمەليەتتە مېنىڭ سېتىۋالغىنىمنىڭ ھەممىسى ئىخلاس پىرەنىكلىرى، ئامىنە ئىچىملىكلىرى، كروران دىگەندەك ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى. پەقەت كوكاكولا دىگەن ئۇيغۇرچە خەتلىك بۇ نەرسىنى تۇنجى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بىر قۇتا ئالدىم.
    2008-06-06 21:07:12
  • نەگە كەتتىكىن دىسەم، تاغقا بېرىۋاپسىز ھە؟ بىردەم ئۈجمىنىڭ ئۇچىدا، بىردەم قۇغۇنلۇقتا، ئەمدى بولسا تاغدا .... ئەتەچۇ؟ ئاسماندىمۇ ياكى دېڭىزدا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我