-
نوكىيا يانفونلارغا سېستىما قاچىلاش ئۇسۇلى (1) - [يانفون تېخنىكىسى]
2008-06-09
يانفونمۇ ئىشلىتىۋەرگەنچە سېستىما كونىراپ ئەخلەت يىغىلىپ، سۈرئەت ئاستىلايدۇ، يۇمشاق دېتاللاردا كاشلا كۆرۈلىدۇ. نورمالسىزلىشىدۇ، تۆۋەندە سېستىما قاچىلاشنىڭ تەپسىلى جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۆزىڭىزلا قىلالايسىز.
نوكىيا NOKIA ماركىلىق يانفونلارغا ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇسۇلدا سېستىما قاچىلايمىز.
1. كومپيوتېردا PC سىم ئارقىلىق قاچىلاش
2. كومپيوتېردا ئىلغارلاشتۇرۇش قېپى ئارقىلىق قاچىلاش
3. يانفوندا تورغا چىقىش ئارقىلىق قاچىلاش
بىزنىڭ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز 1- خىل ئۇسۇل، كومپيوتېردا PC سىم ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل زور كۆپ ساندىكى نوكىيا يانفونلارغا ماس كېلىدۇ. ئايرىم ساندىكى يانفونلارغا مەسلەن نوكىيا 3230 غا ئىلغارلاشتۇرۇش قېپى ئارقىلىق، 3100 غا تورغا چىقىش ئارقىلىق قاچىلايمىز. باشقا يانفونلارغا بىۋاستە PC سىم ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.
تەييارلايدىغان قوراللار:
1. تورغا ئۇلانغان، ئىچكى سىغىمى 512 دىن يۇقىرى كومپيوتېر
2. نوكىيا يانفون ۋە تولۇق توك قاچىلانغان باتارىيە
3. نوكىيا سېستىما قاچىلاش دېتالى
4. يانفون بىلەن كومپيوتېرنى تۇتاشتۇرىدىغان PC سىم (تەكلىماكان بلوگدا مۇشۇنداق ئاتىدۇق، باشقا ئاتالغۇ بولسا تونۇشتۇرغايسىلەر)
**************************
بۇ يەرگە كىرىپ، نوكىيا سېستىما قاچىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ
ئېنگلىزچە نۇسخا
خەنزۇچە نۇسخا
ئەرەبچە نۇسخا
تۈركچە نۇسخا
دىققەت : بۇلار پەقەت سېستىما قاچىلاش دېتالىنىڭ تىلى، يانفوننىڭ تىلىنى بەلگىلىمەيدۇ.
**************************
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاڭ
**************************
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تولۇق توك قاچىلانغان باتارىيە سېلىنغان نوكىيا ماركىلىق يانفوننى كومپيوتېرغا چېتىڭ، ئاندىن بايا قاچىلىغان دېتالنى قوزغىتىڭ.
*************************
ئاندىن بۇ دېتال سىزنىڭ يانفونىڭىزنى ئىزدەيدۇ، سىز NEXT كونۇپكىسىنى بېسىپ تاللاپ بېرىسىز.
ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن يانفونىڭىزنىڭ سۈرىتى چىقىدۇ، سىز بۇ چاغدا يەنە NEXT كونۇپكىسىنى باسىسىز.
ئىزچىل تۈردە Next كونۇپكىسىنى باسىۋېرىسىز، ھەر بىر كونۇپكا بېسىش ئارلىقىدا بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈشى مۇمكىن، NEXT دىگەن خەت يورۇغاندىن كېيىن ئاندىن بېسىڭ.



ئىشقىلىپ، NEXT كونۇپكىسى يورۇق چىقسىلا باسىسىز، ئەڭ ئاخىرىدا تىزلىكنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئىككى قېتىم توشۇپ بولغاندىن كېيىن Update Finished دىگەن خەت چىقىدۇ، ۋە EXIT دىگەن خەت يورۇق كونۇپكا بولۇپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا EXIT كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
****************
بۇ چاغدا يانفونىڭىزغا سېستىما قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ، سىز يانفوننى كومپيوتېردىن ئاجرىتىپ، قايتا قوزغاتسىڭىزلا بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
يانفونغا سېستىما قاچىلانغاندىن كېيىن، يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلار تولۇق ئۆچىدۇ. (سىغىم كارتىسىغا تەسىرى يوق). شۇڭلاشقا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن، مۇھىم ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋېلىش كېرەك.
يانفونغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا توكى تۈگەپ قېلىشقا ياكى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن كومپيوتېردىن ئۈزۈشكە بولمايدۇ، يانفونغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا تېلفون كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېلفوننى باشقا تېلفونغا ئۇلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇش كېرەك.
يانفونغا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوننىڭ مۇھىتىنى نورمال قىلىپ تەڭشەپ قويۇش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
يانفونغا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوننىڭ Product Code نى تەكشۈرۈشىىڭىز كېرەك، ئەگەر يانفونىڭىز ئەسلى زاۋۇتنىڭ مېلى بولسا تەكشۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەسلى زاۋۇت مېلى بولمىسا، يانفون خەنزۇچىنى تونۇماس بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە مۇشۇ يازمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا قانداق قىلىپ ئەسلى زاۋۇت مېلىغا ئايلاندۇرۇشنى تونۇشتۇرىمەن.
《نوكىيا يانفونلارغا سېستىما قاچىلاش ئۇسۇلى (1)》的转发
Blog:ئەركىنلىك جەڭچىسىنىڭ بلوگى2009-04-11 23:20:45نوكىيا يانفونلارغا سېستىما قاچىلاش ئۇسۇلى (1)
Blog:نوكيا كۇلۇبى2008-06-12 00:17:51
引用
下面Blog引用了该文:


评论
ئۇيغۇرتىلىمۇ قوشقىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرتىلىنى قوشقىلى بولىدۇ؟