باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • تەڭرىتاغدا بىر ھەپتە (2) - [تۇرمۇش ۋە مەن]

    2008-06-11

    تەڭرىتاغدىكى سەپەرنىڭ ئاخىرىنى يېزىۋىتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، چۈنكى يەنە سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم. باي بولىدىغان ئادەمنىڭ شۇنداق جىم ياتقۇسى كەلمەيدىكەن. سۈرەتلەر نوكىيا 6680 ماركىلىق يانفوندا تارتىلدى.
     تەڭرىتاغ ھەقىقەتەن گۈزەل تاغ
    قارىغاي ! ھازىر بۇ تاغدا مەخسۇس قارىغايلارنى باقىدىغان ساقچىلار باركەن. بۇرۇنقىدەك ئوتۇن تېرىش باھانىسىدا قارىغايلارنىڭ ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋال يوقكەن. يېشىللىقنى قوغداش



    تاغقا چىقىۋاتىمەن، كۆرۈنۈشتە يانتودەك تۇرغان بىلەن، ئۈستىگە چىقىپ قارايدىغان بولسىڭىز تىك. قورققىڭىز كېلىدۇ.
    بۇ شارقىراتمىمۇ بەك ھەيۋەتكەن. تەڭرىتاغدا تاشلار ئارىسىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان بۇنداق شارقىراتمىلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. جەنۇپقا كېلىدىغان سۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى مۇشۇنداق كېلىدۇ.

    ئۈرۈمچىدىكى غەربىي تاغ، ئېرلاندىيىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بۇ مەنزىرىگە يېتەلمەيدۇ. ئەپسۇس ئاپپارات يوق، يانفوندا تارتقان رەسىم ئانچە سۈزۈك ئەمەس، ھاۋامۇ بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

    ئارىسىدىن چوڭراق بىرسى چىقىپ مەن بىلەن گەپلەشكەندەك قىلىپ قاراپ قويدى، ۋە بۇرنىنى خارتىلدىتىپ قويدى.
    - شەھەرگە كىرسەڭلار بىز سىلەرنى يەيمىز. شۇڭا مۇشۇ يەردە ئوتلاۋېرىڭلار. تاغلارغا سىلەر بولمىساڭلار بولمايدۇ.

    دېمىسىمۇ بۇ يەردە ئادەم يوق دىيەرلىك ياكى بەك ئاز، ئادەملەر ئاز بولغاچقا بۇ يەر بەكمۇ چىرايلىق. ئادەم ئايىغى باسقان يەرلەردە بۇنداق گۈزەللىكلەر يوق !


    بىر نەچچە قىرغىز بۇرادەرلەر بىلەن پاراڭلاشتۇق، ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.
    ئۆتكەندە ئىككى ئامېرىكىلىق بۇ يەرگە كېلىپ، تاغدا چېدىر تىكىپ ياتتى، ئۇلار يىگەن - ئىچكەننىڭ ئەخلەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ، بىزدىن ئەخلەت ساندۇقى قەيەردە دەپ سورىدى. بىز بەك ئىزا تارتتۇق. ئاخىرى ئەخلەت ساندۇقى تېپىپ بېرەلمەي، بىز يىغىۋالدۇق ۋە دېدۇق : ئەخلەتلەرنى بىز يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
    ئەمەليەتتە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئەزەلدىن ئەخلەت ساندۇقى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ.
    دېمىسىمۇ مەن بارغانلىكى ئادەم ئايىغى باسقان جايدا سۇ قۇتىلىرى، مىۋە شۇپىكى، تاماكا قالدۇقى، ھاراق بوتۇلكىسى. تېخى تاشلىغاننى ئاز دەپ چېقىۋېتىپ كېتىدىكەن.
    ئىچكىرىدىن كەلگەن يەنە بىر ساياھەتچى تېخى بۇ يەردە ھاجەتخانا يوقلۇقىنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلىنىپتىمىش.  ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەتچىلەر ئادەم يوقلۇقىنى كۆرسىلا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىۋېرىدۇ. بۇ يەردە ھاجەتخانا دەپ گەپ يوق، خۇددى يايلاقتىكى كالىدەكلا... نەگە چىقارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە چىقىرىدۇ......



    كەچتە تاغدا ياتقان. كىيىملەر يىلىڭ، ئۆمرۈمدە بۇنداق توڭلاپ باقمىغان، يېرىم كېچە بولغاندا پەقەت چىدىمىدىم، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ، ئوت قالاپ كېچىچە ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇردۇم. تاغدا ئەتىگىنى سائەت 11 لەردىن كېيىن ئاندىن ياز بولىدۇ. كەچتىن باشلاپلا يەنە قىش كىرىدۇ.
    تەكلىماكان بلوگ (كونا) دىكى مەزكۇر يازما





    评论

  • ما تۆۋەندىكى دىلشات دىگەن بۇرادەر ، نىمانداق <تام تۈۋىدىن ھوشو قوپقاندەك> گەپ قىلىپ يۇرىيسىلەر؟؟تۈزۈك مەدەنىيەت كۆرگەن ئادەمدەك گەپ قىلىڭلار مۇنداق ~
  • رەسىملەر ئۇلانمىدى ~ بەت يۈزىنى نەچچە قىتىم يىڭىلاپ بولدۇم ، يەنە يوق ~~ ئوڭشاپ قويسىڭىز بوپتىكەن ~~
  • قارىغاندا باي ئوخشايسىز ھە؟
    ~~~~~~~~~~سىزنىڭ نىمە ئش قىلدىغىنىڭىزنى بەك بىلگىم كىلىۋاتىدۇ، خوش ئەمسە ئامان بۇلوڭ ،~```
  • تىلفۇننىڭ سۈرەت تارتىش ئىقىدارى خېلى بوپ قويىدىكەن ھە
  • بۇ تەڭرىتاغنىڭ قايسى ئەتراپتىكى مەنزىرلىرى؟
  • ئۇلۇغ ۋەتەن ......ساڭا ھىچنىمە يەتمەيدۇ ..
  • ئۇلۇغ ۋەتەن ......ساڭا ھىچنىمە يەتمەيدۇ ..