-
دوغاپچىمۇ مىليونېر بولىدىكەن. - [سودا ماھارىتى]
2008-06-15
ساتىدىغىنى بېكارغا كەلگەن مۇز، تاپىدىغنى چوڭ كارخانىلارنىڭ پۇلى. بۈگۈن ئۇسساپ كېتىپ، دوغاپچىنىڭ ئالدىغا كەلسەم، بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر قىز تونۇشۇمكەن. يالغۇز دوغاپ سېتىپ كېتىپتۇ. تاپىدىغان پۇلىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
ئاۋال سالاملاشتۇق. ئۇ ماڭا «ساراڭ دوغاپ» دەپ ئات قويىۋالغان بىر چىنە مۇز ئەكەلدى. ئىچكەچ ھەيرانلىقىمغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سورىدىم.
- ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كېلىپ، دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپسەنغۇ؟
- دورىخانىلاردا ئىشلەپ باقتىم، مۇشۇنىڭ كىرىمى ياخشىكەن. ھازىر نىمىدە پۇل تاپقىلى بولسا شۇنى قىلىدىغان گەپتە ! - دېدى ئۇ.
- ئۇنداقتا كىرىمىڭ ياخشىكەن ھە !!! - قارىسام بۈگۈن بازار بولمىسىمۇ كېلىپ-كېتىۋاتقان خېرىدارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. مۇزقايماق، دوغاپ، ساراڭ دوغاپ .... بۇلارنىڭمۇ مەھسۇلاتى كۆپكەن تېخى !
ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيوتېر ئۇچۇر كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇپ چىقىپ كومپيوتېر مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە 600 كوي مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقان ياشلار كۆپ ئەلۋەتتە... بۇلارنىڭ ئۆزۈڭ بىرەر ئىش باشلىساڭ بولمامدۇ؟ دىگەن سۇئالغا بېرىدىغان باھانىلىرى كۆپ.
دادام قوشۇلمايۋاتىدۇ، خىزمەت كۈتكەچ ، دەسمىي سالىدىغان پۇل يوق، ۋەھاكازا !
پەقەت ئۆلگەن ئادەملا ھىچنىمىگە باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۆلگەن ئادەمنىڭلا ۋاقتى يوق. ئۆلگەن ئادەمنىڭلا پۇلى يوق ! بۇنداق باھانىلار قورسىقىدا ئۇمىچى بار ئادەملەرگە چاپلاشمايدۇ.
گەپنى يەنە بۇ ئالىي مەلۇماتلىق دوغاپچىغا بۇرايلى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يېقىندا بىر ماقالە يېزىۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە ئۆيۈڭلارنىڭ دوغاپچىلىق قىلىپ قىلىدىغان كىرىمىنى راست دەپ بەرگىن دېدىم. ئادەتتە تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى تارتىۋالامدۇ دەپ قورقامدۇ، تىجارەت ياخشىمۇ دېسە، بەك ياخشى كۈنلىرى يامان ئەمەس؛ يامان ئەمەس كۈنلىرى ناچار دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. شۇنچە غول كىرىم قىلىۋاتقان بولسىمۇ جاننى ئاران بېقىۋاتىمىز دەپ قاقشاپ قويىشىدۇ. ئەپسۇسكى ھەر كىمنىڭ رىزقى ئۆزى بىلەن، ھىچكىم - ھىچكىمنىڭ يەيدىغىنىغا چاڭ سالالمايدۇ.
بۇ قىز چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دېدى:
- چىداپلا ئاچساق كۈزگىچە 200 مىڭ كوي بار !
ۋاي - ۋۇي ! جېق گەپكەنغۇ ! 200 مىڭ دىگەن ساننى ئاڭلاپ، ئىلگىرى يولۇققان ئۆزىدە «شىركەت» دەپ ماركىسى بار، ئېيىغا 50000 كويلۇق سودىسى يوقلارنى ئەسلىدىم.
ئۇنىڭ دىيىشىچە بىر نەچچە گەمىسى باركەن. قىشتا دەريادىن مۇز ئەكىلىپ ساقلايدىغان. يەنە ئۆيدە موزايلايدىغان ئىنەكلىرى باركەن، ئۇلاردىن سۈت چىقىدىكەن. قېتىقمۇ بېكارلىق دىگەن گەپ! مۇشۇ ئىككى دەسمىدىنلا دوغاپ دىگەن پۈتىدۇ.
چوڭراق ئىش قىلايمىكىن دەيمەن ! دىگەن گەپنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. مېنىڭچە قىلغان ئىشىمىز چوڭ بولمىسا مەيلى، ئەمما قىلغان كىرىم چوڭ بولسا شۇ ئەڭ نوچى ! ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەپ، كۈن تەگمەيدىغان ئىشخانىغا كىرىۋېلىپ، بەش يۈز كوينىڭ كويىدا ئۆمۈرنى زايە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. پارقىرىتىپ قويغان ئەينەكتەپ پاكىزە يۈرۈيدىغان گەپكەن شۇ ! يىگىتلەر كۆپ ئىزدەيدىكەن. بېكارغا تاماق جېق دىگەندەك.
بۇ قىز دادىسى بىلەن بىللە ئىككى - ئۈچ يىلدىن بۇيان مۇشۇ كەسپنى قىلىۋېتىپتۇ. بازار (يەكشەنبە) كۈنلىرى 2000 قاچىمۇ سېتىپ قويىدىكەن. قىش كۈنلىرى مىۋە-چىۋە ساتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ مىليونېرلارنىڭ كىرىمىنى قىلىدىكەن.
ئىلگىرى مەن بىر شىركەتتە ئىشلىگەن. ئۇچىمىزغا كاستۇم كىيەتتۇق، گالاستۇق تاقايتتۇق، شۇنداق پاكىزە، ئالىدىغان مائاش 700 يۈەن ئىدى. بەزى ئايدا يەتمەي، ئاشخانىغا قەرز بولۇپ قالاتتۇق. بۇرۇتنى مايلاپ چىقىپ پولو يىيىش دىگەننىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. شەھەر كوچىلىرىدىكى نۇرغۇن مودا قىز-يىگىتلەر شۇنداق. ئايدا يىمەي-ئىچمەي يىغسا ئۈچ - تۆت يۈز سوم ئاران ئاشۇرالايدۇ. ھەر ئايدا دىگۈدەك مودىغا ئەگىشىپ سىرلانمىسا، ياسانمىسا بولمايدۇ.... شۇنداق قىلىپ ئۇلار نامراتلار ھارۋىسىغا چىقىپ قالىدۇ. مودا نەگە باشلىسا شۇ يەرگە كېتىدۇ. دۇكان ئاچاي دىسە دەسمىي يوق. بىر ئۆمۈر خىزمەتكە قۇل بولىدىغان گەپ. قەرزگە تاماق يەيدۇ، قەرزگە ئۆي سېتىۋالىدۇ، بالىلىرى ھەم قەرزگە ئوقۇيدۇ. ئېشىنغاندا ئاللىبۇرۇن قېرىغان، ئەمدى راھەتمۇ راھەتتەك بىلىنمەيدۇ. 50 ياشقۇچە يىغقان پۇلى ۋاقتى كەلگەندەك داۋالىنىش چىقىمىغا يەتمەيدۇ......
بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ لىدىرى ئەركىن ھاشىم ئوقۇش پۈتتۈرگەندە 12 نەپەر ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا تەقسىم قىلىنىپتىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ خىزمەتنى تاشلاپتۇ، قەرز ئېلىپ ئامبۇلاتورىيە ئېچىشقا تۇتۇش قىپتۇ. قالغان 11 ساۋاقدىشى ئەركىننى قۇتقۇزىۋالىمىز دەپ مەخسۇس ئولتۇرۇش قىلىپ ئۇنى چاقىرىپتۇ، بەزىلىرى پوق يەپسەن، نۇرغۇن ئادەم نەچچە ئون مىڭ خەجلەپ ئېرىشەلمەيدىغان خىزمەتنى نىمە دەپ تاشلايتتىڭ. ئۆزۈڭ ئامبولاتورىيە ئاچساڭ ۋەيران بوپ كېتىسەن، ئۇنداق بولىسەن، بۇنداق بولىسەن دەپ نەسىھەتلەر قىپتۇ ! ئەركىن ئۆزىنىڭ نىيتىدىن ۋاز كەچمەپتۇ. ئاخىرى ساراڭ بوپ قاپتۇ دىگەن نامنىمۇ ئېپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدىكى پارلاق ئىستىقبالىنى تاشلاپ قەرزگە ئامبولاتورىيە ئېچىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرىدە «بوغدا» نامىدا چوڭ دوختۇرخانىلارنى بەرپا قىپتۇ. ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ . بۇرۇنقى 11 ساۋاقدىشى تېلۋۇزۇردا ئەركىن ھاشىم ۋە ئۇنىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالسا «مېنىڭ ساۋاقدىشىم، مېنىڭ ئاغىنەم» دەپ ئۆزىچە پەخىرلىنىۋالىدىكەن.
دەل شۇنىڭغا ئوخشاش ! ياۋروپا لوڭقىسى 2008 ئوينىلىۋاتىدۇ. دۇنيامۇ پۇتبول مەيدانىغا ئوخشايدۇ. ياۋروپا لوڭقىسىدا ھەممە ئادەم ھاياجانلانغان بىلەن ئەڭ بەك شەرەپكە مۇيەسسەر بولىدىغىنى مەيدانغا چۈشۈپ توپ تېپىدىغانلار. تاماشىبىنلار ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. جاھاندارچىلىقتىمۇ بەك نۇرغۇن ئادەملەر پۇتبولغا قىزىقىدۇ. ھەممە ئادەم دىگۈدەك ھاياجانلىنىدۇ، ئەمما ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا توپ تېپىدۇ. لوڭقا ھەرگىزمۇ مەيداننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تاماشا كۆرگەنلەرگە بېرىلمەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دىسىڭىز توپ تېپىڭ، مەيدانغا كىرىڭ. تاماشىبىن بولۇپ قالماڭ. لوڭقا ئالغۇچى ھەر قانچە سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئاغىنىڭىز بولغان تەغدىردىمۇ ئۇ مۇۋەپپەقىيەت پەقەت ئۇنىڭغىلا خاس ! سىزگە تەۋە ئەمەس !
پۇل كۆپۈنچە سىز تېلۋۇزۇر كۆرىۋاتقان، ئويۇن ئويناۋاتقان، رېستۇران كۇلۇبتا بەزمە قىلىۋاتقان ۋاقتتا ئىشىك ئالدىڭىزدا ساقلاپ تۇرارمىش. پۇرسەت كۆپۈنچە سىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقتتا ئىشىك ئالدىدا قاچان ئويغىناركىن دەپ كۈتۈپ تۇرارمىش. سىز ئويغانماي كىتىپ قالارمىش.
زەردار بولۇش ئۈچۈن ئىستىقباللىق كەسپنى ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي چىشىنى چىشلەپ 10 يىل داۋاملاشتۇرۇشتىن كېىلىدۇ. يېقىلىپ چۈشۈش دىگەن ھامان بار ئىش ! دەسلەپ دەريادا كېتىپ بېرىپ، ھەممە يەر سۇ! ئەمما ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلە ھالەتتە قېلىشىڭىز مۇمكىن. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پويىزى رېلىسنى بويلاپ ماڭىۋېرىدۇ، بولسا چىقىۋېلىڭ، چىقالمىسىڭىز ئېسىلۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما قولىڭىزنى ھەرگىز قويىۋەتمەڭ. نۇرغۇنلىغان كېچە-كۈندۈزلەردىن ئۆتۈپ ئاخىرقى بېكەتكە ھامان يېتىپ بارىدۇ.


评论
بەك يۈزەكى قاراش خىزەت قىلدىغانلار بولمىسا دوغاپچىغا نەدىكى پۇل ،،شۇندا ئەمەسمۇ.
بىز يەنى بىزدەك ياشلار تۇرمۇشتا ئەملىي پىكىر قىلساقلا ئشىلىرىمىزدا ياخشى نەتىجلەر بارلىققا كىلىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن
مۇۋەپىقيەت - تەلەيدىن ئەمەس بەلكى تىرىشچانلىقتىن كىلىدۇ .
ئۆگىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. يىقىلغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئېرىشكەن كىچىككىنە نەتىجىدىن بولسمۇ ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش كېرەك.
www.uzdiyar.net