-
قادىر باقىنىڭ مەھەللىسى - شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل كەنت.
2008-06-22
بۇ قادىر باقى ئەپەندىنىڭ مەھەللىسى، تەڭرىتاغ بويىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنت، كۆرسىڭىز ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە پاكىزە، شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ باياشات كەنت بولسا كېرەك.
پۈتۈن مەھەللە دېھقانلىرى مۇشۇ بىر قوۋۇقتىن كىرىپ چىقىدۇ، يەنە ئارقا قوۋۇقىمۇ بار.
ھەممەيلەننىڭ ئۆيى خىش قۇرۇلمىلىق، بىر خىل ئۇسلۇبتا سېلىنغان، بەكمۇ چىرايلىق. ئۆي شەكلى ۋە دەرۋازا رەڭگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوپمۇ-ئوخشاش.
ھەممە دېھقاننىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەخلەت ساندۇقى ئورنىتىلغان، كۆپلىگەن تەرەققى تاپقان شەھەرلەردىمۇ بۇ خىل ھالەت كەم ئۇچرايدۇ.
شىنجاڭدىكى بىردىن-بىر مەھەللە ئىچىدە خەلق مەيدانى بار مەھەللە. ھىچقانداق يېزىدا بۇنداق خەلق مەيدانى يوق. ئەمما بۇ جاينىڭ دېھقانلىرى خەلق مەيدانى بەرپا قىلغان. ئارام ئالىدىغان ئوبدان سورۇن.
ئەسلى ماقالە
<< كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى جۇڭگو تېلگىراف تورىغا ئۆزگىرىپ قالدى | باش بەت | BlogSpot بۈگۈن ئېچىلمىدى >>


评论